ئالاقىلىشىش كوكا كولا فوتو سۈرەتلىرى كوكا كولا فىلىملىرى خەۋەرلەر كوكا كولا مەھسۇلاتلىرى كوكا كولا ھەققىدە باش بەت
联系我们   图片之地   视频在线   新闻中心   产品展示   关于可口可乐   首页
    كوكا كولا ھەققىدە

جۇڭگو ئاشلىقى كوكا –كولا ئىچىملىك(شىنجاڭ)چەكلىك شېركىتى

جۇڭگو ئاشلىقى كوكا كولا ئىچىملىك (شىنجاڭ)چەكلىك شېركىتىنىڭ بۇرۇنقى نامى شىنجاڭ جۇڭگو ئاشلىقى كوكا كولا ئىچىملىك چەكلىك شېركىتى بولۇپ،2002-يىلى 6-ئايدا قۇرۇلغان،2009-يىلى6-ئاينىڭ 24-كۈنى جۇڭگو ئاشلىقى كوكا كولا ئىچىملىك چەكلىك شېركىتى بىلەن شىنجاڭ دوستلۇق شېركىتى ئورتاق مەبلەغ  سالغان جۇڭگو ئاشلىقى كوكا كولا ئىچىملىك(شىنجاڭ)چەكلىك شېركىتى رەسمىي قۇرۇلدى .شېركەت ئۈرۈمچى ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونى لۇشەن كوچىسىغا جايلاشقان بولۇپ،ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 200 مو،زاۋۇتنىڭ قۇرۇلۇش كۆلىمى 23 مىڭ كۋادىرات مېتىر.شېركەت كوكا كولا شېركىتىنىڭ  تاۋار ماركىسى ئىجازىتىگە ،كوكا كولا  يۈرۈشلۈك مەھسۇلاتلىرىنى بوتۇلكىغا قاچىلاش ئالاھىدە ئىجازىتىگە ئېرىشكەن بولۇپ،يېشىل،مۇھىت ئاسرايدىغان،ئېنىرگىيە تىجەيدىغان ،سۈپىتىگە ۋە ئىچىملىك بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلالايدىغان زامانىۋىي ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەلىرى  ئارقىلىق يىلىغا 200 مىڭ توننا ئىچىملىك  ئىشلەپ چىقىرىدۇ . ئاساسلىق مەھسۇلاتلىرىدىن  كوكا كولا،نۆل گىرادۇسلۇق كوكا كولا،شۆبى،فېىندا،شىڭمۇ،يىچۈەن، مېيجىيۈەن،مېۋە دانچىلىق نەييۇ،يۈەنيې چېيى  ۋە شەبنەم قاتارلىقلار بار.كەلگۈسىدە يەنە ئىستىمالچىلارنىڭ ئوخشاش بولمىغان ئېھتىياجىغا  ماس كېلىدىغان يېڭى مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپ چىقىرىدۇ.


شېركەت پۈتۈن شىنجاڭنى قاپلىغان سېتىش تورى بەرپا قىلغان بولۇپ،سانجى،كورلا،قۇمۇل،ئاقسۇ، كۈيتۈن،غۇلجا،ئاقسۇ، قەشقەر، شىخەنزىدە شۆبە شېركىتى،قاراماي،قۇمۇل ، تۇرپان، بۆرتالا، چۆچەك، ئالتاي، كۇچار، خوتەن، يەكەن قاتارلىق جايلاردا ئىش بېجىرىش ئورۇنلىرى بار.


   جۇڭگو ئاشلىقى كوكا كولا ئىچىملىك(شىنجاڭ) چەكلىك شېركىتى« ۋەدىگە ئەمەل قىلىش، كەسپىي نەتىجىنى  ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، ئادەمنى ئاساس قىلىش، ئورتاق تىرىشىپ پايدىنى قولغا كەلتۈرۈش» تىن  ئىبارەت گۇروھ  قىممەت قارىشىغا ئەمەل قىلىپ،«زامانغا لايىق ئىچىملىك بىلەن تەمىنلەپ، مەڭگۈلۈك قىممەتنى ئورتاق  يارىتىش»تىن ئىبارەت كارخانە بۇرچىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ،شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئىستىمالچىلار  ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىدۇ.


كوكا كولا شېركىتى

 


كوكا كولا شېركىتى دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ  ئىچىملىك شېكىتى بولۇپ، 500 دىن ئارتۇق داڭلىق ئىچىملىك ماركىسى بار.ھەركۈنى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى كىشىلەرنى شاد  ھۇزۇرلىنىدىغان  تەملىك يېمەكلىك بويۇملىرى بىلەن تەمىنلەيدۇ. كوكا كولا شېركىتىنىڭ  «كوكا كولا»دېگەن ئەڭ قىممەتلىك داڭلىق تاۋار ماركىسىدىن باشقا يەنە شۆبى،فېندا، نۆل گىرادۇسلۇق  كوكا كولا،ۋېتامىن ئىچىملىگى، مېيجىيۈەن  ۋە جورجىيە قەھۋەسى قاتارلىق 12 قىممىتى بىر  مىليارد يۈەندىن ئاشىدىغان داڭلىق تاۋار ماركىسى بار .


كوكا كولا شېركىتى –دۇنيادىكى گازلىق سۇ، مېۋە شىرنىسى ،مېۋە تەملىك ئىچىملىك ۋە تەييار چاي ، تەييار قەھۋە ئىشلەپچىقىرىدىغان ئەڭ زور  شېركەت. بۇ شېركەت دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ پارچە سېتىش سېستىمىسى  ئارقىلىق 200 نەچچە دۆلەتتىكى ئىستىمالىچىلارنى كۈنىگە 1 مىليارد600 مىليون ئىستاكان كوكا كولا مەھسۇلاتىدىن بەھرىمان قىلىدۇ .


جۇڭگو ئاشلىق-ياغ يېمەكلىكلىرى (گورۇھى) چەكلىك شېركىتى

 


1952-يىلى قۇرۇلغان  جۇڭگو ئاشلىق گورۇھى  ( OC F CO) جۇڭگودىكى  يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ،يېمەكلىك مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلەيدىغان ئاشلىق،ياغ يېمەكلىرىنى ئىمپورت، ئېكىسپورت قىلىدىغان  ئەڭ چوڭ ئەمەلىي كۈچى كۈچلۈك يېمەكلىك  ئىشلەپچىقىرىش كارخانىسى بولۇپ،جۇڭگو يېمەكلىك سانائىتىدىكى 100 كۈچلۈك كارخانا ئىچىدە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ.«بايلىق»ژۇرنىلى تەرىپىدىن دۇنيادىكى 500 كۈچلۈك  كارخانا  قاتارىغا  كىرگۈزىلگەن .


 جۇڭگو ئاشلىقى كوكا كولا ئىچىملىك (جۇڭگو)مەبلەغ سېلىش چەكلىك شېركىتى

 


دۇنيادىكى 500 كۈچلۈك كارخانا قاتارىغا  كىرگەن جۇڭگو ئاشلىقى گورۇھى ۋە كوكا كولا شېركىتىدىن ئىبارەت ئىككى شېركەتنىڭ ھەمكارلىشىشىنىڭ جەۋھىرى بولغان جۇڭگو ئاشلىقى كوكاكولا ئىچىملىك (جۇڭگو)ئاشلىقى  كوكاكولا»دېيىلىدۇ) جۇڭگودىكى  كوكاكولا مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش ،سېتىش ۋە بازار ئېچىش  بىلەن شوغۇللىنىدىغان ئەڭ چوڭ شېركەت بولۇپ، قارمىقىدا بېيجىڭ  كوكاكولا ئىچىملىك   چەكلىك شېركىتى قاتارلىق 10 كوكاكولا مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش كارخانىسى، تىيەنجىن ،خۇنەن،  شەندۇڭ،   شىنجاڭ قاتارلىق 15 ئۆلكە شەھەردە كوكا كولا يۈرۈشلۈك مەھسۇلاتلىرى تىجارەت ھوقوقىغا ئىگە شېركەتلەر بار بولۇپ، ئاساسلىق مەھسۇلاتلىرىدىنى كوكاكولا،نۆل گىرادۇسلۇق كوكاكولا،شۆبى، فىندا ، شىڭمۇ،يىچۈەن،مېيجىيۈەن مېۋە شىرنىسى،مىۋە دانچىلىق نەييۇ،   يۈەنيى چېيى ۋە شەبنەم سۈيى قاتارلىقلار بار.

جۇڭگو ئاشلىقى كوكا كولا ئىچىملىك (جۇڭگو)مەبلەغ سېلىش چەكلىك شىركىتىنىڭ خېرىدارلارغا مەكتۇبى

ھۆرمەتلىك خېرىدار :ياخشىمۇسىز!

شىركىتىمىزنى ئىزچىل قوللىغىنىڭىزغا كۆپتىن-كۆپ رەھمەت! سودىمىزنىڭ ئورتاق راۋاجلىنىشى ئۈچۈن شىركىتىمىز ۋە مەھسۇلاتلىرىمىز توغرىسىدىكى تۆۋەندىكى تونۇشتۇرۇشنى دىققىتىڭىزگە سۇندۇق.

كوكا كولا شىركىتى 1886-يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، 128يىللىق تارىخقا ئىگە. ئۇ دۇنيادىكى كەسپى ئىسپىرتسىز ئىچىملىكنى ئىشلەپچىقىرىش، قاچىلاش ۋە سېتىشقا مەسئۇل ئەڭ چوڭ شىركەت. شىركەتنىڭ باش شىتابى ئامېرىكىنىڭ ئاتلانتا شەھىرىدە.
2012-يىلى « كوكا كولا » ماركىسى نىيۇ-يورك ئاكسىيە شىركىتى ئېلان قىلغان « ئەڭ زور قىممەتكە ئىگە تاۋار ماركا » باھالىشىدا 1-ئورۇنغا ئۆتكەن.كوكا كولا شىركىتىنىڭ شۆبى، فىندا، مېيجىيۇەن، نۆل گىرادۇسلۇق كولا قاتارلىق 12خىل قىممىتى بىر مىليارت يۈەندىن ئاشىدىغان داڭلىق تاۋار ماركىسى بار.
كوكا كولا شىركىتى ساخاۋەت، پاراۋانلىق، تەنتەربىيە ۋە مۇھىت ئاسىراش جەھەتلەردە جەمئىيەتكە مېھىر ۋە مەنپەئەت يەتكۈزۈشنى ئۇزاق مەزگىللىك نىشانى قىلغان.

 

كوكا كولا شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى مۇختار كېنىت ئەپەندى توغرىسىدا

كوكا كولا شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى ۋە باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى مۇختار كېنىت ئەپەندى تۈركىيىلىك. ئۇنىڭ دادىسى تۈركىيىنىڭ نىيو-يوركتا تۇرۇشلۇق كونسۇلخانىسىنىڭ باش كونسۇلى بولۇپ ئىشلىگەن. مۇختار كېنىت ئەپەندى 2008-يىلى كوكا كولا شىركىتىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارلىقىغا تەيىنلەنگەن.

نەشىر ھوقۇقى:جۇڭگو ئاشلىقى كوكا كولا ئېچىملىك (شىنجاڭ) چەكلىك شىركىتىگە تەۋە!
مەزمۇنلارنى ئوخشىتىپ ياساش ياكى قالايمىقان تارقىتىشقا بولمايدۇ،خىلاپلىق قىلغۇچىلار بولسا قانۇنىي جاۋاپكارلىققا تارتىلىدۇ!
版权所有中粮可口可乐饮料(新疆)有限公司
备案/许可证号为:新ICP备12000690号