ئالاقىلىشىش كوكا كولا فوتو سۈرەتلىرى كوكا كولا فىلىملىرى خەۋەرلەر كوكا كولا مەھسۇلاتلىرى كوكا كولا ھەققىدە باش بەت
联系我们   图片之地   视频在线   新闻中心   产品展示   关于可口可乐   首页
جۇڭگو ئاشلىقى گۇرۇھى كوكا كولانىڭ جۇڭگودىكى قىسمەن بوتۇلكىغا قاچىلاش كەسپىنى سېتىۋالدى
中粮集团收购可口可乐部分在华装瓶业务
مەنبە :تور دۇنياسى               تەھرىر : ئابلەت ھامۇت             يوللانغان ۋاقىت : 2016-11-25 16:46:08

11-ئاينىڭ 19-كۈنى، جۇڭگو ئاشلىقى گۇرۇھى قارمىقىدىكى جۇڭگو ئاشلىقى كوكا كولا ئىچىملىك چەكلىك شىركىتى (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «جۇڭگو ئاشلىقى كو كولا ئىچىملىكى» دېيىلىدۇ) ھەمدە كوكا كولانىڭ جۇڭگودىكى باشقا ئىككى بوتۇلكىغا قاچىلاش گۇرۇھى كوكا كولا شىركىتى بىلەن بىرلىكتە كوكا كولانىڭ جۇڭگودىكى بوتۇلكىغا قاچىلاش كەسپىنىڭ ئالاھىدە ئىمتىيازلىق تىجارەت ھوقۇقىنى قايتىدىن تەشكىللەش ھەققىدە ئاخىرقى كېلىشىم ھاسىل قىلغانلىقىنى ھەمدە رەسمىي كېلىشىم ئىمزالىغانلىقىنى جاكارلىدى. كوكا كولانىڭ جۇڭگودىكى بوتۇلكىغا قاچىلاش كەسپى  قايتىدىن تەشكىللەنگەندىن كېيىن، ئۇلارنى ئايرىم-ئايرىم جۇڭگو ئاشلىقى ۋە تەيگۇدىن ئىبارەت ئىككى ئالاھىدە ئىمتىيازلىق تىجارەتتىكى ھەمكارلاشقۇچى تەرەپ يۈرۈشلەشتۈرىدۇ، جۇڭگو ئاشلىقى گۇرۇھى پاي كونتروللۇقىدىكى بوتۇلكىغا قاچىلاش زاۋۇتى ئەسلىدىكى 12 دىن 18 گە كۆپەيتىلىدۇ.

جۇڭگو ئاشلىقى گۇرۇھىنىڭ لىدېرى جاۋ شۇاڭلىيەن، كوكا كولا شىركىتىنىڭ لىدېرى قوشۇمچە باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى مۇ تەيكاڭ، تەيگۇ پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ رەئىسى شى لېشەن قاتارلىقلار كېلىشىم ئىمزالاش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

لىدېر جاۋ شۇاڭلىيەن مۇنداق دەپ قارىدى:«كوكا كولانىڭ بوتۇلكىغا قاچىلاش كەسپىنى قايتىدىن تەشكىللىشى، ماركا ۋە بازارنىڭ ئىستىراتېگىيەلىك تەدبىر بەلگىلىشىگە ئالاھىدە دىققەت قىلىشى جۇڭگو ئاشلىقى گۇرۇھىنىڭ سۈپەتنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، بازارلاشقان ۋە كەسىپلەشكەن زامانىۋى كارخانا بەرپا قىلىشتەك ئۇزاق مەزگىللىك نىشانى بىلەن بىردەك بولدى. بۇ قېتىملىق قايتا تەشكىللەش ئېلىپ كەلگەن كۆلەم ئۈنۈمى، رايون بىرىكىشى ۋە تەننەرخنى ئەلالاشتۇرۇش كوكا كولانىڭ ھەمكارلاشقۇچىلىرى بىلەن بىرلىكتە يېڭى ھالقىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا ياردەم بېرىدۇ.»

لىدېر مۇ تەيكاڭ جۇڭگو ئاشلىقى گۇرۇھىنىڭ ئۇزۇندىن بۇيان كوكا كولاغا ئىشەنگەنلىكى ۋە قوللىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتتى. ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى:«جۇڭگو ئاشلىقىنىڭ كوكا كوكا بىلەن بولغان ھەمكارلىقى كوكا كولانىڭ جۇڭگو ھەتتا پۈتۈن دۇنيادىكى كەسپىي نەتىجىسىنىڭ ئېشىشىغا كۆرۈنەرلىك تۆھپە قوشتى. بۈگۈنكى كېلىشىم كوكا كولانىڭ تىپ ئۆزگەرتىش مۇساپىسىدە يېڭى بىر سەھىپە ئېچىلغانلىقىدىن، شىركەتنىڭ يادرولۇق ئەۋزەللىكى قايتىدىن مەركەزلىشىدىغانلىقىدىن، يەنى داڭدار ماركا يارىتىدىغانلىقى ۋە كۈچلۈك يەرشارى خاراكتېرلىك ئالاھىدە ئىمتىيازلىك ماركىتېڭ سىستېمىسىغا رەھبەرلىك قىلىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.»

جۇڭگو ئاشلىقى گۇرۇھىنىڭ كوكا كولا شىركىتى بىلەن بولغان ھەمكارلىقى 1979-يىلى باشلانغان بولۇپ، جۇڭگودا ئىسلاھات ئېچىۋېتىلىشىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە كوكا كولانىڭ جۇڭگو بازىرىغا قايتىپ كېلىشىگە ياردەم بەرگەن. ئىككى تەرەپ ھەمكارلىقىنىڭ ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ، 2000-يىلى شېرىكلىشىپ جۇڭگو ئاشلىقى كوكا كولا ئىچىملىك شىركىتىنى قۇرغان. شىركەت قۇرۇلغاندىن بۇيان، باشتىن ئاخىر كوكا كولانىڭ يىللىق سېتىلىش مىقدارىنىڭ جۇڭگو رايونىدىكى بىرىنچىلىكنى ساقلاپ كەلدى، 2010-يىلىدىن باشلاپ كوكا كولانىڭ يەرشارىدىكى 10 چوڭ بوتۇلكىغا قاچىلاش گۇرۇھىنىڭ قاتارىغا كىردى.

كوكا كولا گۇرۇھىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى، كوكا كولا ئاسىيا  تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ باش دىرېكتورى جۇاڭ مۇفېي، كوكا كولا بۈيۈك جۇڭخۇا رايونى ۋە كورىيە رايونىنىڭ باش دىرېكتورى فېڭ گۇاڭشېڭ، تەيگۇ ئىچىملىك شىركىتىنىڭ مەمۇرىيەت باش دىرېكتورى خې يىلى، تەيگۇ (جۇڭگو) شىركىتىنىڭ مۇدىرىيەت ھەيئىتى قوشۇمچە بېيجىڭدىكى باش ۋەكىلى خې ئەن، تەيگۇ پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ كارخانا تەرەققىياتى ۋە مالىيە مۇدىرى گو پېڭ، جۇڭگو ئاشلىقى گۇرۇھىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى ما جىيەنپىڭ، جۇڭگو ئاشلىقى گۇرۇھى ئىستىراتېگىيەلىك مەبلەغ سېلىش بۆلۈمىنىڭ باش نازارەتچىسى چىڭ لىجۈن، جۇڭگو ئاشلىقى كوكا كولا ئىچىملىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى لۈەن شىيۇجۈن قاتارلىقلار كېلىشىم ئىمزالاش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

 
نەشىر ھوقۇقى:جۇڭگو ئاشلىقى كوكا كولا ئېچىملىك (شىنجاڭ) چەكلىك شىركىتىگە تەۋە!
مەزمۇنلارنى ئوخشىتىپ ياساش ياكى قالايمىقان تارقىتىشقا بولمايدۇ،خىلاپلىق قىلغۇچىلار بولسا قانۇنىي جاۋاپكارلىققا تارتىلىدۇ!
版权所有中粮可口可乐饮料(新疆)有限公司
备案/许可证号为:新ICP备12000690号