ئالاقىلىشىش كوكا كولا فوتو سۈرەتلىرى كوكا كولا فىلىملىرى خەۋەرلەر كوكا كولا مەھسۇلاتلىرى كوكا كولا ھەققىدە باش بەت
联系我们   图片之地   视频在线   新闻中心   产品展示   关于可口可乐   首页
ئەينى يىللىرى بىز قولدىن بېرىپ قويغان كوكا كولا ئېلان سۆزى
那些年我们错过的可口可乐广告语
مەنبە :تور دۇنياسى               تەھرىر : ئابلەت ھامۇت             يوللانغان ۋاقىت : 2016-03-03 17:45:17

2016-يىلى كوكا كولانىڭ 48-ئېلان سۆزى «Taste the feeling» (تېتىپ باققاندىكى تۇيغۇ) ئىلگىرى 7 يىل ئىشلىتىلگەن «Open Happiness» (ئېغىزىنى لەززت بىلەن ئېچىڭ) نىڭ ئورنىنى ئالدى، كوكا كولا تارىختىن بۇيان تۇنجى قېتىم «One Brand» (بىر ماركا) ئىستىراتېگىيەسىنى ئىشلەتتى، يەنى كوكا كولا بايرىقى ئاستىدىكى بارلىق مەھسۇلاتلارغا بۇ يېڭى بىرلىككە كەلگەن ئېلان سۆزى ئىشلىتىلدى ھەمدە دۇنيادىكى 200 دۆلەت ۋە رايوندا بازارغا سېلىندى.


بىر قىسىم ماركىلارنىڭ مىل يىلدىمۇ ئۆزگەرمەيدىغان شوئارىغا سېلىشتۇرغاندا، كوكا كولانىڭ ئېلان سۆزى ناھايىتى «ئۆزگىرىشچان». ئەمما بۇ ئېلان سۆزلىرى بىردەملىك ھاياجان بىلەن ئۆزگەرتىلگەن ئەمەس، ھەر بىر ئېلان سۆزى ماركىنىڭ ئىچكى ماھىيىتىنى ئەكس ئەتتۈرۈپلا قالماي، يەنە بىر دەۋرگە ۋەكىللىك قىلىدۇ. ھازىر، ئىلگىرىكى يىللاردا ئىشلىتىلگەن «پېشقەدەم ئېلان سۆزلىرىگە قاراپ باقايلى!
1886-يىلى كوكا كولا ئامېرىكىنىڭ جورجىيە ئىشتاتىنىڭ ئاتلانتا شەھىرىدە بارلىققا كەلگەندىن باشلاپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنى بۇ يېڭى مەھسۇلاتنى تېتىپ بېقىشقا تەكلىپ قىلىش ئۈچۈن « Drink Coca-Cola» (كوكا كولا ئىچىڭ) نى كوكا كولانىڭ تۇنجى ئېلان سۆزى قىلدى، ئۇ 10 نەچچە يىل ئىچىدە ئىزچىل تۈردە كوكا كولانىڭ بازاردىكى ئاساسىي تېمىسى بولدى.


1904-يىلى، كوكا كولا ئامېرىكىدا تەرەققىياتنى مۇستەھكەملەش باسقۇچىغا كىردى، « Deliciousand Refreshing» (ھەززەتلىك تەم) دېگەن سۆز كوكا كولانىڭ ئالاھىدىكىنى گەۋدىلەندۈردى. كوكا كولا مەھسۇلاتلىرىنى تېخىمۇ كۆپ كىشىلەر بىلدى ۋە قوبۇل قىلدى، ئۇنىڭ ئېلان سۆزىمۇ مەھسۇلات فۇنكىسىيەسىنى نامايەن قىلىش ئاساسىدا، تېخىمۇ كۆپ ھېسسىي مەزمۇن ۋە مەناغا ئىگە بولدى، مەسىلەن: خۇشاللىق، دوستلۇق قاتارلىقلار. ئۇنىڭدىن كېيىن يەنە ئىشلىتىش قېتىمى ئەڭ كۆپ بولغان ئېلان سۆزلىرىنىڭ بىرىگە ئايلاندى.

 

1906-يىلى، ھاراق تاشلاش ھەرىكىتىگە ئاۋاز قوشقان، « The Great National Temperance Beverage» (ئۇلۇغ دۆلەتنىڭ ئىسپىرتسىز ئىچىملىكى) دېگەن ئېلان سۆزى ئەينى ۋاقىتتىكى ئامېرىكا جەمئىيىتىنىڭ ئىسپىرتسىز ئىچىملىكلەرگە بولغان ئىنتىلىشىنى ئەكس ئەتتۈردى، كوكا كولا «يەنە بىر خىل ياخشى تاللاش»قا ئايلاندى.


1927-يىلى، كوكا كولانىڭ تۇنجى قېتىم پۈتۈن دۇنياغا كېڭىيىشىگە ئەگىشىپ، « Around the cornerfrom everywhere» (ھەرقانداق جايدا ئېرىشكىلى بولىدۇ) دېگەن ئېلان سۆزى كوكا كولانىڭ قەتئىي ئىرادىسى ۋە يەرشارىلاشتۇرۇش ئىستىراتېگىيەسىنى ئەكس ئەتتۈردى.


1963-يىلى، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى كېننىدى قەستكە ئۇچرىدى، پۈتۈن مەملىكەت قايغۇغا چۆمگەن مۇشۇ پەيتتە، كوكا كولا «Things Go Better with Coke» (كۆڭۈل ئازادە ۋاقىتتا ھەممە ئىش روياپقا چىقىدۇ) دېگەن ئېلان سۆزى ئارقىلىق، ھەربىر قەلبكە تەسەللىي بېرىشنى ئۈمىد قىلدى.
بىر قىسىم ئېلان سۆزلىرى ئەينى ۋاقىتتا كىشىلەرگە چوڭقۇر تەسىر قىلغان بولغاچقا ئىشلىتىلمىگەن. مەسىلەن: 1971-يىلى، كوكا كولانىڭ ئېلانى «تاغ چوققىسى قىسمى» دا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن ياشلار ئىتالىيەدىكى بىر تاغنىڭ چوققىسىغا يىلىپ، ساپ ئاۋازدا «“I’d like to buy the world a Coke» (مەن پۈتۈن دۇنيانى بىر ئىستاكان كوكا كولا ئىچىشكە تەكلىپ قىلماقچى) دېگەن ناخشىنى ئېيتقان، ئەكس سادا بەك كۈچلۈك بولغاچقا ئەسلىدىكى ئېلان سۆزى « It's the Real Thing»نى ئىشلەتكەن.


1979-يىلى، جۇڭگو-ئامېرىكا رەسمىي دېپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتتى، كوكا كولامۇ جۇڭگوغا قايتىپ كەلدى. قەلبىدىكى قايناق ھېسسىياتنى ئىپادىلەش ئۈچۈن، كوكا كولانىڭ ئېلان سۆزى «Have a coke and a smile» (كوكا كولا شاتلىق كۈلكىسى قوشىدۇ)غا ئالماشتى.


كوكا كولانىڭ ئېلان سۆزى ماركىنىڭ ئۆزگىرىشى ۋە دەۋرنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ ئۈزلۈكسىز ئالمىشىپ تۇردى. ماركا ئېلان سۆزىنىڭ ئۆزگىرىشى ئىستېمالچىلار يۈزلىنىشىنىڭ ئۆزگىرىشى ۋە ماركىنىڭ بۇ يۈزلىنىشنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئىنكاس قايتۇرۇپ، ماركىتېڭ ئىستېراتىيەسىگە تەڭشەش ئېلىپ بېرىشىنى ئەكىس ئەتتۈردى. بەلكىم ھەر بىر ئادەمنىڭ قەلبىدە ئۆزى ئالاھىدە ياقتۇرىدىغان كوكا كولا ئېلان سۆزى بولۇشى مۇمكىن....

 
نەشىر ھوقۇقى:جۇڭگو ئاشلىقى كوكا كولا ئېچىملىك (شىنجاڭ) چەكلىك شىركىتىگە تەۋە!
مەزمۇنلارنى ئوخشىتىپ ياساش ياكى قالايمىقان تارقىتىشقا بولمايدۇ،خىلاپلىق قىلغۇچىلار بولسا قانۇنىي جاۋاپكارلىققا تارتىلىدۇ!
版权所有中粮可口可乐饮料(新疆)有限公司
备案/许可证号为:新ICP备12000690号