ئالاقىلىشىش كوكا كولا فوتو سۈرەتلىرى كوكا كولا فىلىملىرى خەۋەرلەر كوكا كولا مەھسۇلاتلىرى كوكا كولا ھەققىدە باش بەت
联系我们   图片之地   视频在线   新闻中心   产品展示   关于可口可乐   首页

«كولادا ئىسپىرما ئۆلتۈرگۈچى تەركىب بار» دېگەن ئىغۋالارغا رەددىيە

ئىسپىرمىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان سەككىز تۈرلۈك ئامى

瓦解“可乐杀精”谣言 探究影响精子八大因素

مەنبە :تور دۇنياسى               تەھرىر : ئابلەت ھامۇت             يوللانغان ۋاقىت : 2016-03-25 11:29:56

 

«كولادا ئىسپىرما ئۆلتۈرگۈچى تەركىب بار» دېگەن ئىغۋا 30 يىلگىرىكى ئامېرىكىنىڭ بىر تەجرىبىسىدىن كېلىپ چىققان، تەجرىبە ئىشلىگۈچى كولا قۇيۇلغان ئۈچ دانە پىروبىركىغا توڭلىتىلغان ئىسپىرما قاچىلىغان، كېيىن ئىسپىرمىنىڭ ماس ھالدا ئازلىغانلىقىنى بايقاپ، يۈزەكىلا كولا ئىسپىرمىنىڭ ھاياتىي كۈچىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ دېگەن يەكۈننى چىقارغان.


بۇ تەجرىبىدە ئىككى ئوبيېكتىپ ئەمەلىيەتكە سەل قارالغان: بىرىنچى، كولا ئالدى بىلەن ئېغىز بوشلۇقىغا كىرىپ، ئاندىن قىزىلئۆڭگەچ ئارقىلىق ئاشقازانغا كىرىپ، ھەزىم قىلىنىش، سۈمۈرۈلۈش باسقۇچىدىن ئۆتىدۇ، ئاندىن قان سۇيۇقلۇقى ئۇنىڭدىكى ئوزۇقلۇق تەركىبلەرنى بەدەننىڭ ھەرقايسى ئورۇنلىرىغا يەتكۈزىدۇ. ئىككىنچى، ئىسپىرمىنىڭ ئۆمرى بولىدۇ، ئۇنىڭ ئۆمرى مۇھىتنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن پەرقلىق بولىدۇ. نورمال ئىسپىرما بالىياتقۇ بوينىدا 2-8 كۈن ياشىيالايدۇ؛ بالىياتقۇ، تۇخۇم نەيچىسىدە 2-2.5 كۈن ياشىيالايدۇ، جىنسىي يولدا بولسا پەقەت يېرىم كۈنلا ياشىيالايدۇ. ئەگەر ئىسپىرما تەندىن ئايرىلسا، ھەرقانداق قوغداش تەدبىرى بولمىغان ئەھۋالدا، گازلىق سۇ ئەمەس سۇ، ھاۋا قاتارلىق مۇھىتلاردا تۇرسىمۇ يېرىم سائەتتىن ئارتۇق بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ.


ئىسپىرمىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان سەككىز تۈرلۈك دائىملىق ئامىل:


1. ھاراق-تاماكا. ئىسپىرما تاماكىدىكى زەھەرلىك ماددىلارغا ناھايىتى سەزگۈر كېلىدۇ؛ ئۇزۇن ۋاقىت كۆپ مىقداردا ھاراق ئىچكەندە، %70 ئىسپىرمىنىڭ يېتىلىشى ياخشى بولمايدۇ ياكى ھاياتىي كۈچىنى يوقىتىدۇ.


2. ئاچلىق. ئەرلەر تېنىدىكى سىنىك قاتارلىق مىكرو مىقدارلىق ئېلېمېنتلارنىڭ يېتىشمەسلىكى ئىسپىرما ھاياتىي كۈچىنىڭ ئاجىزلاپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.


3. ئىسسىقلىق. نورمال ئەھۋالدا، ئىسپىرما 34 سېلسىيە گىرادۇستىن 35 سېلسىيە گىرادۇسقىچە بولغان مۇقىم تېمپىراتۇرىلىق مۇھىتتا ئاندىن نورمال يېتىلەلەيدۇ. يۇيۇنغاندىكى سۇنىڭ تېمپىراتۇرىسى زىيادە يۇقىرى بولسا ئۇ ئىسپىرمىنى ئۆلتۈرىدىغان «قاتىل»غا ئايلىنىپ قالىدۇ.


4. تەكرارلىق. جىنسىي مۇناسىۋەت زىيادە كۆپ بولسا، ھەر قېتىم ئېتىلىپ چىقىدىغان ئىسپىرمىىڭ سانى ئازلايدۇ.


5. قايغۇرۇش. ناچار روھىي ھالەت ئىچكى ئاجرالمىنىڭ ئىقتىدارىغا بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىپ، ئۇرۇقداننىڭ ئىسپىرما ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى قالايمىقانلاشتۇرىۋېتىدۇ.


6. دورا، رادىياتسىيەلىك نۇر. خىمىيەلىك دورا، مەسىلەن: فۇران تۈرىدىكى دورىلار، ھورمون قاتارلىقلار ئىسپىرمىنىڭ يېتىلىشىنى توسالغۇغا ئۇچرىتىدۇ، كۆپ مىقداردا رادىياتسىيەلىك نۇرنى قوبۇل قىلغان ۋاقىتتا ئىسپىرمىدىكى خروموسومنىڭ غەيرىي ئۆزگىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.


7. ئۇزۇن مەزگىل ماشىنا ھەيدەش. ئۇرۇقدان ئۇزۇن مەزگىل بېسىلغان ۋاقىتتا قان يېتىشمەسلىك، سۇلۇق ئىششىق، ياللۇغ قاتارلىق ئەھۋاللار كېلىپ چىقىپ، ئىسپىرمىنىڭ يېتىلىشى شۇنداقلا مەزى بېزى سۇيۇقلۇقى ۋە ئىسپىرما سۇيۇقلۇقىنىڭ نورمال ئاجرىلىشىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ.


8. ئاشخانىدىكى مايلىق بۇسلار. تەتقىقاتلاردا بايقىلىشىچە، ئاشخانىدىكى مايلىق بۇسلار تەركىبىدىكى 74 خىل خىمىيەلىك ماددا ھۈجەيرىنىڭ تۇيۇقسىز ئۆزگىرىپ، يېتىلەلمەسلىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن.

 
نەشىر ھوقۇقى:جۇڭگو ئاشلىقى كوكا كولا ئېچىملىك (شىنجاڭ) چەكلىك شىركىتىگە تەۋە!
مەزمۇنلارنى ئوخشىتىپ ياساش ياكى قالايمىقان تارقىتىشقا بولمايدۇ،خىلاپلىق قىلغۇچىلار بولسا قانۇنىي جاۋاپكارلىققا تارتىلىدۇ!
版权所有中粮可口可乐饮料(新疆)有限公司
备案/许可证号为:新ICP备12000690号